ئۇيغۇرچە
Surah غاشىيە - Aya count 26
هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ الْغَاشِيَةِ
( 1 ) (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ خَاشِعَةٌ
( 2 ) بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر
عَامِلَةٌ نَّاصِبَةٌ
( 3 ) ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر
تَصْلَىٰ نَارًا حَامِيَةً
( 4 ) ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ
تُسْقَىٰ مِنْ عَيْنٍ آنِيَةٍ
( 5 ) (سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ
لَّيْسَ لَهُمْ طَعَامٌ إِلَّا مِن ضَرِيعٍ
( 6 ) ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ
لَّا يُسْمِنُ وَلَا يُغْنِي مِن جُوعٍ
( 7 ) زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَّاعِمَةٌ
( 8 ) بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر
لِّسَعْيِهَا رَاضِيَةٌ
( 9 ) بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر
فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٍ
( 10 ) ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر
لَّا تَسْمَعُ فِيهَا لَاغِيَةً
( 11 ) ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ
فِيهَا عَيْنٌ جَارِيَةٌ
( 12 ) ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ
فِيهَا سُرُرٌ مَّرْفُوعَةٌ
( 13 ) ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
وَأَكْوَابٌ مَّوْضُوعَةٌ
( 14 ) ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
وَنَمَارِقُ مَصْفُوفَةٌ
( 15 ) ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
وَزَرَابِيُّ مَبْثُوثَةٌ
( 16 ) ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت - رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
أَفَلَا يَنظُرُونَ إِلَى الْإِبِلِ كَيْفَ خُلِقَتْ
( 17 ) ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى،
وَإِلَى السَّمَاءِ كَيْفَ رُفِعَتْ
( 18 ) ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى،
وَإِلَى الْجِبَالِ كَيْفَ نُصِبَتْ
( 19 ) تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى،
وَإِلَى الْأَرْضِ كَيْفَ سُطِحَتْ
( 20 ) زېمىن قانداق يېيىتىلدى
فَذَكِّرْ إِنَّمَا أَنتَ مُذَكِّرٌ
( 21 ) سەن (ئۇلارغا) ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىسەن
لَّسْتَ عَلَيْهِم بِمُصَيْطِرٍ
( 22 ) سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن
إِلَّا مَن تَوَلَّىٰ وَكَفَرَ
( 23 ) لېكىن كىمكى (ۋەز - نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (اﷲ نى) ئىنكار قىلىدىكەن،
فَيُعَذِّبُهُ اللَّهُ الْعَذَابَ الْأَكْبَرَ
( 24 ) اﷲ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ
إِنَّ إِلَيْنَا إِيَابَهُمْ
( 25 ) ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ
ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا حِسَابَهُم
( 26 ) ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز