ئۇيغۇرچە
Surah تەكۋىر - Aya count 29
إِذَا الشَّمْسُ كُوِّرَتْ
( 1 ) كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا،
وَإِذَا النُّجُومُ انكَدَرَتْ
( 2 ) يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا،
وَإِذَا الْجِبَالُ سُيِّرَتْ
( 3 ) تاغلار گۇمران بولغان چاغدا،
وَإِذَا الْعِشَارُ عُطِّلَتْ
( 4 ) بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا،
وَإِذَا الْوُحُوشُ حُشِرَتْ
( 5 ) ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا،
وَإِذَا الْبِحَارُ سُجِّرَتْ
( 6 ) دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا،
وَإِذَا النُّفُوسُ زُوِّجَتْ
( 7 ) جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا،
وَإِذَا الْمَوْءُودَةُ سُئِلَتْ
( 8 ) تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا،
بِأَيِّ ذَنبٍ قُتِلَتْ
( 9 ) تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا،
وَإِذَا الصُّحُفُ نُشِرَتْ
( 10 ) نامە - ئەماللار ئېچىلغان چاغدا،
وَإِذَا السَّمَاءُ كُشِطَتْ
( 11 ) ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا،
وَإِذَا الْجَحِيمُ سُعِّرَتْ
( 12 ) دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا،
وَإِذَا الْجَنَّةُ أُزْلِفَتْ
( 13 ) جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا،
عَلِمَتْ نَفْسٌ مَّا أَحْضَرَتْ
( 14 ) ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى - يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ
فَلَا أُقْسِمُ بِالْخُنَّسِ
( 15 ) كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن
الْجَوَارِ الْكُنَّسِ
( 16 ) كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَاللَّيْلِ إِذَا عَسْعَسَ
( 17 ) قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَالصُّبْحِ إِذَا تَنَفَّسَ
( 18 ) يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن
إِنَّهُ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ
( 19 ) قۇرئان ھەقىقەتەن (اﷲ نىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر
ذِي قُوَّةٍ عِندَ ذِي الْعَرْشِ مَكِينٍ
( 20 ) ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر
مُّطَاعٍ ثَمَّ أَمِينٍ
( 21 ) پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر
وَمَا صَاحِبُكُم بِمَجْنُونٍ
( 22 ) سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر
وَلَقَدْ رَآهُ بِالْأُفُقِ الْمُبِينِ
( 23 ) ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى
وَمَا هُوَ عَلَى الْغَيْبِ بِضَنِينٍ
( 24 ) ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر
وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَيْطَانٍ رَّجِيمٍ
( 25 ) ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر
فَأَيْنَ تَذْهَبُونَ
( 26 ) قەيەرگە بارىسىلەر؟
إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَالَمِينَ
( 27 ) ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر
لِمَن شَاءَ مِنكُمْ أَن يَسْتَقِيمَ
( 28 ) سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر
وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَن يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ
( 29 ) پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى اﷲ خالىمىغۇچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق)